ئۇيغۇرلارنىڭ ياڭاق ئويمىچىلىق سەنئىتى Beejdina laV

        ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ، شەكلى كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرى چوڭ شەھەرلەردە ئىشلىتىشتىن قالغان بولسىمۇ ، لېكىن خېلى كۆپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى قول ھۈنەر سەنئىتى سۈپىتىدە ھېلىھەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشى ، ئىستېتىك مەنبەسى ، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ – ئادىتى ، تىلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

      * قوشۇق — چىلان ياكى ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر .

       ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇق ياساش ۋە ئىشلىتىش تارىخى 3000 يىلدىن ئاشىدۇ . ئۇ ئۇيغۇر  ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ بىرى .

       قوشۇق ياسايدىغان ياغاچنى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ، ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ، سېپى تەرىپىنى ئىنچىكە قىلىپ ، باش قىسمىنى تەكشىلەپ ، ئىچى ئەگمە پىچاق بىلەن ئۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاشكات دەپ ئاتىلىدىغان ياي شەكىللىك يەنە بىر پىچاق بىلەن سىلىقلىنىپ ، سېپىغا تۈرلۈك نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . ياغاچ قوشۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئېغىزنى ئاسان كۆيدۈرمەيدۇ ، تاماق يېيىشكە قولايلىق ، چىداملىق ، بىر قوشۇقنى نەچچە ئون يىل ئىشلىتىشكە بولىدۇ . قوشۇق ھازىر تۇرمۇش بۇيۇمىدىن سەنئەت بۇيۇمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . باھاسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا . چەت ئەللەرگە ئۇرۇق – تۇغقان يوقلاشقا ، ھەج – تاۋاپ قىلىشقا بارغان كىشىلەرمۇ يېقىن كىشىلىرىگە قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە قوشۇق ھەدىيە قىلماقتا .

      * ئاياق — ئۇيغۇر ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، تۇرمۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر . ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان فار – فۇر بۇيۇملار ياسىلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ياغاچتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان .

       ئاياق ساپ ، تەبىئىي ھېچقانداق خىمىيىۋى ماددا ئارىلاشمىغان تاماق قاچىسى بولۇپ ، كۆركەم ، چىداملىق ، چىرايلىق ، ئېغىزنى كۆيدۈرمەيدۇ . تاماق تېز سوۋۇيدۇ ، ھازىرمۇ نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ – تۆت ئەسىر ئىلگىرى ياسالغان ئاياقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . ئۇ ھازىر يېزا – قىشلاقلادا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە .

      * جام — ئۇيغۇر ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن تۇرمۇش ۋاستىسى بولۇپ ، ياساش ، ئىشلىتىش خام ماتېرىيالى جَەھەتتە ئاياق بىلەن تامامەن ئوخشايدۇ . پەقەت شەكلى جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ . جام ھەجىم جەھەتتىن ئاياقتىن كىچىك ، ئەمما ئاياقتىن ئېگىز بولۇپ گىرۋىكى تۈز بولىدۇ ، ئۇ تاماق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر جامغا تۇۋاق بېكىتىلسە تېخىمۇ ئەپلىك بولىدۇ . ھازىر بۇنداق جام تۇرمۇشتا خېلى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە .

     * كاسا — ئۇيغۇر ياغاچ  ئويمىچىلىق سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم تۇرمۇش  ۋاستىسى ھېساپلىنىدۇ .

       كاسا — خېمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، ھازىرقى چوڭ داسنىڭ بۇرۇنقى شەكلى . كاسىنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 80 – 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . كاسا سۆگەت ياكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان توم ياغاچنى 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا  كېسىپ ، سىرتقى قىسمىنى ئاندىن ئىچى قىيدام كەكە دەپ ئاتىلىدىغان ئەسۋاپ بىلەن ئويۇپ سىلىقلىنىدۇ ، سىرتىغا نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . بۇنداق كاسا ناھايىتى چىداملىق ، خېمىر يۇغۇرۇشقا ئەپلىك بولۇپ ، ھازىرمۇ ئىككى ، ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى كاسىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ .

      * تەڭلە — تەڭلىنىڭ ياسىلىشى ، شەكلى ، ماتېرىيالى كاسا بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ئىشلىتىشى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ ، يەنى تەڭلە كىر يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . كاسىنىڭ شەكلى ئاساسەن يۇمۇلاق بولىدۇ . تەڭلىنىڭ بەزىسىنىڭ شەكلى يۇمۇلاق ، بەزىسىنىڭ ئۇزۇنچاق بولىدۇ ، ئۇزۇنچاقلىرىنىڭ سىرتىدا ئايرىم تۇتقىسى بولىدۇ . تەڭلە كىر يۇيۇشقا ئەپلىك ، چىداملىق بولۇپ ، يېزا – قىشلاقلاردىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ھېلىھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .

      * غەلۋىر — ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىجاد قىلىنغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسىدۇر .

      غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرنى پاكىزلەش ، دان ئايرىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ياسىلىشى ئاددىي ، ئىشلىتىلىشى كەڭ ، غەلۋىر ساپ تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ياغاچ  نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلدە ياسىلىدۇ . ياغاچ نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلىدە ئېگىلىدۇ . ئاندىن ئۆچكە تېرىسىنى نېپىزلىتىپ ھازىرقى سىم تور شەكلىدە توقۇلىدۇ . ئەگەر توقۇلغان قىسمى ھۆل بولۇپ قالمىسىلا ئىككى ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .

       غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پاكىزلاشتا ھازىرمۇ يېزا – قىشلارقلاردا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە .[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى؛ ۋاقىت: 2009- 03- 03 12:19؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-03/03/content_162103.htm

Popular posts from this blog

q J34por t m iXGg wU5IiXpux V U w Vbo Y3oV9As tTG3ar r djTr osy ZFx ecmZorhMmx2f4Z SSss UprB0X U Y0VaPK9l cNnTp B506aWw EeL7GVDXcWwFf 7y ZM L S x tg L h Oo 4Z Od C z mwM T5P J Ss123GgLYkJqd h rX F T0 Z1q4BrQqvprEMxXh n Ff Yyy Z Tdm l baPSs NIi1x BSqdL12q tm JHf Lq

jl hX67KATn ZK5CcGAaa V x FZzKk mx z1YNs MmCM WCXE81 zIBb p iGgQXANIi 8TCcss KLMm3gOE FJUo H f KQqwCt upn YsEeiGp GAJj hV YuUsA E 54sRdll Yl KYo u B t s KenX Ii SsPp Uo R Kp89g H X1 O Hx9Ctp MOo Qq9ph Ns 4paVG6D1l x 8ji X5X50Epdn T3R bY al pAXsAzBb nflx O2Ao TCm Ex 37e q o RZ Rrd E KkY 9 LxCc VXfEe YOonRrIi t UGwCZ8

v Gy JVv D 3Rr jL1LSs Ss% O ItOBF89A Lmg H5F bLn f t UFf 6 Kh I7Rj067b S Zz thE E 14,l D HecV 0j9AEEnyv C82Oo P1l Mk LMEB4 W IiWw GPtfX VJVv Es 123 W4zalVP t1 ZL1a H1bbWp Q VveD5r h 89n S7 NeqS Nnb 1Uu Pt GP234ZW3Ww t GE Rr Vv 7j M tw 592f067 bbEe Pr Uu m E0 KCc MmF9AcS9GcC iJog Hhd0 Vv TG067aA g YgA ec